ئىزچىلار مارشى (تەۋپىق)
بىز ئىزچىلار بىز ، قوللىرىمىز گاڭ ،
كۆزىمىز نۇرلۇق ، قەلبىمىز ساغلام .
خەلق يولىدا ئالغا باسىمىز ،
دۈشمەنگە قارشى ساقلاپ ئىنتىقام .

(نەقىرات)
ئۆگەن تىرىشىپ ياش ئىزچى بالىلار ،
ۋەتەن ، مىللەت غېمىدا قاينار ۋىجدانلار .

ئۇزۇن ۋاقىت بىز زالىم قولىدا ،
ئىشلىيەلمىدۇق خەلق يولىدا .
قۇللۇق ئورنىدىن ئەمدى دەس تۇردۇق ،
ئالغا ئۆرلەيمىز ئىرپان يولىدا .

ئۆسكەن يۇرتىمىز تاغلىق ، شېغىل تاش ،
ۋەتەن يولىدا پىدادۇر بۇ باش .
ماڭغان يولىمىز نىجادلىق يولى ،
قايتما بۇ يولدىن ئىزچى قېرىنداش !