2026-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ، كابېنت يېڭى پاناھلىق تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ ھەم گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ۋە كەلمەكچى بولغان قېرىنداشلىرىمىزغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، بىز تۆۋەندە بۇ قانۇننىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى ئەڭ ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇق.

يېقىنقى يىللاردا گوللاندىيەدە پاناھلىق تىلەش ئىشلىرىمۇ بارغانسېرى تەسلىشىپ كېتىپ بارىدۇ. بەزى قېرىنداشلىرىمىز توغرا بولمىغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلىنىپلا گوللاندىيە ياكى باشقا دۆلەتلەردە پاناھلىق تىلەپ، ئىشلار تەسلەشكەندىن كېيىنلا يەنىلا ئۆزى خالاپ قايتىشنى تاللىغانلىقى سەۋەبىدىن، بۇ يەردە ياشاۋاتقان ياكى ھەقىقەتەن پاناھلىققا ئەھتىياجلىق بولغان قېرىنداشلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ تەسلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. شۇڭا، گوللاندىيەدە پاناھلىق تىلىگەن ياكى كەلمەكچى بولغان قېرىنداشلارنىڭ چوقۇم ۋاقتىنى چىقىرىپ ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. بۇ قانۇن توغرىسىدا ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالىغا دائر ئايرىم سوئاللار بولسا، يەنىلا ئادۋوكاتىڭىزدەك قانۇن خىزمەتچىلىرىدىن مەسلىھەت سورىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

قوش سالاھىيەت تۈزۈمى (Het tweestatusstelsel)

كابېنت ھۆكۈمىتى يېڭى بىر قانۇننى يولغا قويدى: قوش سالاھىيەت تۈزۈمى. بۇ قانۇندا قوغداشقا ئەھتىياجلىق بولغان ئىككى گۇرۇپپا ئادەم ئوتتۇرىسىدا پەرق يارىتىلىدۇ:

– مۇساپىرلار (Vluchtelingen): جەمەت (ئىرقىي)، ئېتىقادى، مىللىتى، مەلۇم بىر ئىجتىمائىي گۇرۇپپىغا تەۋەلىكى ياكى سىياسىي كۆزقارىشى سەۋەبىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار.

– قوشۇمچە قوغدىلىدىغانلار (Subsidiair beschermden): مەزكۇر ئەھدىنامىگە (موساپىرلار ئەھدىنامىسىگە) ئاساسەن موساپىر دەپ قارالمايدىغان، لېكىن ئۆز دۆلىتىگە قايتسا خەتەرگە دۇچ كېلىدىغانلار (مەسىلەن: ئۇرۇش ياكى قىيناش سەۋەبىدىن).

شۇ چاغقىچە ھۆكۈمەت بۇ ئىككى گۇرۇپپىنىڭ ھوقۇقلىرى ئوتتۇرىسىدا توپتىن ھېچقانداق پەرق قىلمايتتى؛ ھەتتا ئىككىلىسى ئوخشاش تۈردىكى ئولتۇراقلىشىش ۋىزىسغا ئېرىشەلەيتتى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنى ئېلىپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلىناتتى. يېڭى تۈزۈمدە بولسا بۇ ئەھۋال ئۆزگىرىدۇ.

ئۇنداقتا زادى نېمىلەر ئۆزگىرىدۇ؟

ئائىلە بىرلەشتۈرۈش تېخىمۇ قاتتىقلاشتۇرۇلىدۇ: بارلىق ئائىلە ئەزالىرىنىڭ گوللاندىيەگە كېلىشىگە يەنە رۇخسەت قىلىۋەرشەيدۇ. پەقەتلا جۈپتى (ئايالى ياكى يولدىشى) ۋە قورامغا يەتمىگەن بالىلىرىلا كېلىەلەيدۇ. نىكاھلانمىغان جۈپلەر، بېقىۋالغان بالىلار (pleegkinderen) ۋە (چوڭ) قورامغا يەتكەن بالىلار ئۈچۈن ئائىلە بىرلەشتۈرۈش ھوقۇقى پات يېقىندا تامامەن كۈچتىن قالىدۇ.

قوشۇمچە قوغدىلىدىغانلار (subsidiair beschermden) ئۈچۈن بۇنىڭغا يەنە قوشۇمچە تەلەپلەر قوشۇلىدۇ: ئۇلار پەقەت تۆۋەندىكى ئۈچ شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن چاغدىلا ئۆز جۈپتى ۋە بالىلىرىنى ئېلىپ كېلىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ:

1. ئۇلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش ئىقامىتى بېرىلگەندىن كېيىن ئىككى يىللىق كۈتۈش مۇددىتى توشقان بولۇشى؛

2. يېتەرلىك كىرىمى (مۇقىم مائاشى) بولۇشى؛

3. مۇقىم بىر تۇرالغۇ ئۆيى بولۇشى كېرەك.

پاناھلىق جىددىي تەدبىرلەر قانۇنى يولغا قويۇلىدۇ

كابېنت پاناھلىق جىددىي تەدبىرلەر قانۇنى ئارقىلىق پاناھلىق سىياسىتىنى ناھايىتى قاتتىقلاشتۇرماقچى. بۇنىڭدىكى نىشان گوللاندىيەگە پاناھلىق تىلەپ ئىلتىماس قىلىدىغانلارنىڭ سانىنى باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ئازايتىشقا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ قانۇنغا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ:

1. بۇنىڭدىن كېيىن مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش ئىقامىتى بېرىلمەيدۇ (Geen verblijfsvergunning voor onbepaalde tijd meer): مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش ئىقامىتى تامامەن ئەمەلدىن قالىدۇ. شۇنداقلا، دەسلەپتە بېرىلىدىغان ۋاقىتلىق ئىقامەتنىڭ مۇددىتى بەش يىلدىن ئۈچ يىلغا قىسقارتىلىدۇ. پاناھلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنمۇ ئوتتۇرىدىن بىكار قىلىۋېتىش ياكى قايتۇرۇۋېتىش ئېھتىماللىقى يەنىلا مەۋجۇت. بۇ دېگەنلىك، ھەتتا بۇ يەردە ئىشلەۋاتقان، ئوقۇۋاتقان ياكى بالىلىرى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلارمۇ يەنىلا تىنچسىزلىق (بىخەتەرسىزلىك) ئىچىدە ياشايدۇ.

2. ئائىلە بىرلەشتۈرۈشتىكى چەكلىمىلەر: مۇساپىرلارنىڭ قورامغا يەتكەن (چوڭ) بالىلىرىنى، نىكاھلانمىغان جۈپلىرىنى (يولدىشى / ئايالىنى) ۋە بېقىۋالغان بالىلىرىنى ئېلىپ كېلىشىگە بۇنىڭدىن كېيىن رۇخسەت قىلىنمايدۇ. بۇلار ھەتتا ئاتا-ئانىسىز قالسا، خەتەرگە دۇچ كېلىدىغان بولسىمۇ يەنىلا ئېلىپ كېلىنمەيدۇ.

3. IND نىڭ رەت قىلىشتىن ئىلگىرىكى ئۇقتۇرۇش تەرتىپى ئەمەلدىن قالىدۇ: موساپىرلارنىڭ IND (گوللاندىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى) تەرىپىدىن چىقىرىلىشى پىلانلانغان رەت قىلىش قارارىغا نىسبەتەن ئۆز پىكىرىنى بايان قىلىش (رەت قىلىشقا قارشى چۈشەنچە بېرىش) پۇرسىتى بۇنىڭدىن كېيىن بولمايدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە كىشىلەرنىڭ سادىر بولغان خاتالىقلارنى تۈزىتىش ياكى قوشۇمچە ئىسپات-دەلىللەرنى كۆرسىتىش پۇرسىتى ئازىيىپ كېتىدۇ.

4. يېڭى ئۇچۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق تەكشۈرۈش (Strengere beoordeling van nieuwe informatie): ئەگەر بىر پاناھلىق تىلىگۈچى تەكشۈرۈش جەريانىدا يېڭى پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويسا، بۇ پاكىتلار بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ. شۇڭا، مۇھىم ئۇچۇرلارنى پەقەت كېيىنچە كۆرسىتەلىگەن كىشىلەر ناھەق رەت قىلىنىش يۇقىرى خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ.

5. ئۇچرىشىشنى ئۆتكۈزۈۋېتىش = ئىلتىماسنىڭ رەت قىلىنىشى (Afspraak gemist = aanvraag afgewezen): ئۆز سەۋەبىدىن IND (كۆچمەنلەر ئىدارىسى) نىڭ ئۇچرىشىش ۋاقتىغا بارالمىغان پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ئىلتىماسى دەرھال رەت قىلىنىشى مۇمكىن. ئېھتىياتسىزلىقتىن خەتنى تەسادىپىي كۆرمەي قالدىڭىزمۇ ياكى بىرەر ئىش چۈشىنىشلىك بولماي قالدىمۇ؟ ئۇنداقتا چوقۇم تولىمۇ مۇۋاپىق بىر چۈشەنچە (ئىسپات) بېرەلىشىڭىز كېرەك، بولمىسا تامامەن پۈتۈن پاناھلىق تىلەش ئىشلىرىڭىز سۆھبەت ئېلىپ بارماي تۇرۇپلا رەت قىلىنىدۇ.

6. جىنايى جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلارغا تېخىمۇ قاتتىق قائىدىلەر (Strengere regels bij veroordeling): IND كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقى بولمىغان ياكى ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقى تارتىپ چىقىرىلغان كىشىلەرنى «خالانمايدىغان شەخس» دەپ ئېلان قىلىش ۋە دۆلەتتىن قوغلاپ چىقىرىشتا تېخىمۇ كۆپ قولايلىققا (ھوقۇققا) ئېرىشىدۇ. بۇ ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆز دۆلىتىگە قايتىشى خەتەرلىك بولغان ئەھۋالدىمۇ ئوخشاشلا ئىجرا قىلىنىدۇ.

سالاھىيەت ھۆججىتى بولمىغانلارنى (قانۇنسىز تۇرغۇچىلارنى) جىنايەتچى دەپ بېكىتىش (Het strafbaar stellen van ongedocumenteerden)

يۇقىرىدىكى ئېلان قىلىنغان تېمىلاردىن باشقا، ۋەكىللەر پالاتاسى پاناھلىق جىددىي تەدبىرلەر قانۇنىغا كىرگۈزۈلىدىغان بىر تۈزىتىش لايىھەسىنىمۇ ماقۇللىدى. بۇ تۈزىتىش لايىھەسى دۆلەتتە قانۇنسىز تۇرۇشنى (قارا تۇرۇشنى) جىنايەت دەپ بېكىتىدۇ.

ماقۇللانمىغان ئۇچۇر (2026-يىلى 11-ئىيۇن): كېڭەش پالاتاسى (Eerste Kamer — يۇقىرى پالاتا) يۇقىرىدىكى تۈزىتىش لايىھەسىنى ماقۇللىمىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، بۇ پىلان (قانۇنسىز تۇرۇشنى جىنايەت دەپ بېكىتىش) ۋاقىتلىق ئەمەلدىن قالدى، كۈنتەرتىپتىن چۈشۈپ قالدى. شۇنداق بولسىمۇ، مىنىستىر يېڭى بىر تەكلىپ لايىھەسى سۇنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىناۋەتلىك ئولتۇراقلىشىش ئىقامىتى بولمىغان كىشىلەر پات يېقىندا پەقەت گوللاندىيە تېررىتورىيەسىدە تۇرغانلىقنىڭ ئۆزى بىلەنلا بىر جىنايى قىلمىش سادىر قىلغان بولىدۇ. نۆۋەتتە ئەھۋال تېخى ئۇنداق ئەمەس، ھازىرنىڭ ئۆزىدە بۇ پەقەت كۆچمەنلەر قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش دەپ قارىلىدۇ، لېكىن جىنايەت دەپ قارالمايدۇ. لېكىن بۇ قانۇن تەستىقلانسا، بىر موساپىر پەقەتلا بۇ يەردە ئىناۋەتلىك ھۆججىتى بولماي تۇرغانلىقى ئۈچۈنلا پات يېقىندا سوتقا تارتىلىشى، جەرىمانە قويۇلۇشى ياكى ھەتتا تۈرمىگە تاشلىنىشى مۇمكىن.

———

ھۆرمەت بىلەن: گوللاندىيە ئۇيغۇر فوندى

2026-6-15

مەنبەلەر:

https://ind.nl/nl/asiel-en-nareis-het-migratiepact-en-andere-ontwikkelingen/nieuwe-wetten-en-regels-asiel-en-nareis