تەشكىلات رەئىسىمىز ئەخمەتجان قاسىم گوللاندىيەدىكى داڭلىق گىزىتلەردىن بىرى فولكسكىرانت(خەلق گىزىتى)نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خەۋىرى ئىلان قىلىندى.

خەۋەردە، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا يولۇققان ئېغىر كەمسىتىش، زۇلۇم ۋە زىيانكەشلىكلەر قىچىپ گوللاندىيەگە كەلگەندىن كىيىنكى ھايات سەزگۈزەشتەلىرى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلىسى، كىيىن گوللاندىيەدە بىخەتەرلىككە ئىرىشكەن، يۇقىرىلاپ ئوقۇپ، ياخشى خىزمەتتە بولسىمۇ، جەمىيەتنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئىرىشەلمىگەنلىكىنى ئىپادىلەپ: « كۆچمەن بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن مىننەتدار، ئەمما مەنمۇ كىچىك كۆرۈلگەن، مەسخىرە ۋە ھاقارەت قىلىنغان» دىگەن.

خەۋەر توربەت ۋە گىزىتنىڭ باشبەتكە بىسىلغان. خەۋەرنى ئوقۇغان ئوقۇرمەنلەردىن بىرى ئەخمەتجانغا ئايرىم خەت يىزىپ، ئەخمەتجاننىڭ ھىكايىسىدىن تولىمۇ تەسىرلەنگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ھەرۋاقىت، ھەردائىم ئۆزى بولۇشقا، ئۆزلۈكىنى ساقلاپ، راھەت ياشاشقا ئۈندىگەن.

تولۇق ئەسلى خەۋەرنى تۆۋەندىكى مەنبەدىن ئوقۇڭ:

https://www.volkskrant.nl/binnenland/als-migrant-voel-je-dankbaarheid-maar-ik-ben-ook-gekleineerd-uitgelachen-uitgescholden~bc868467/?fbclid=IwY2xjawT1fThwZG9mBWV4dG4DYWVtAjExAHNydGMGYXBwX2lkEDIyMjAzOTE3ODgyMDA4OTIAAR5gsttljMQzh5E5Njy_G5JG3gwpcE1usmXGmTza78N-Tq0JR6dCC8HupVZ4GQ_aem_wcigfDr6QwPjT1SgiieSaw&referrer=https%3A%2F%2Fl.facebook.com%2F