🌟 ئۆگىنىشنىڭ چېكى، ئارزۇنىڭ يېشى يوق! 🌟
قەدىرلىك قېرىنداشلار!
مەيلى دۇنيانىڭ قايسى يېرىدە بولايلى، بىز ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ تىلىنى بىلىش — شۇ جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپ بىر ئەزاسى بولۇشنىڭ، ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىمىزنى قوغداشنىڭ ۋە كېلەچىكىمىزنى ئۆز قولىمىز بىلەن يارىتىشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قورالىدۇر.
📖 ئۆگىنىش — ئىنساننى ھەر قانداق ياشتا ياشارتىدۇ ۋە كۈچەيتىدۇ!
يېڭى بىر تىلنى ئۆگىنىش پەقەت سۆز يادلاشلا ئەمەس، بەلكى ئەتراپىمىزدىكى دۇنيانى قايتىدىن بايقاش، بالىلىرىمىزغا ئۆگىنىش يولىدا ئۈلگە بولۇش ۋە ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچنى قايتا تېپىشتۇر. نېمە ئۆگەنسەك ئۆگىنەيلى، بىلىم بىزنى ھەر ۋاقىت بىر قەدەم ئالدىدا تۇتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بىز 3- قارار تىل كۇرسلىرىمىز ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، بۇ يىللىق 4- قارار تىل ئۆگىنىش سىنىپلىرىمىزنى ئىچىش ئالدىدا تۇرۇپتىمىز.
🇳🇱 گوللاند تىلى ئۆگىنىش پۇرسىتى: كېلەچىكىڭىزگە يول ئېچىڭ! 🇳🇱
گوللاندىيە ۋە بىلگىيەدىكى تۇرمۇشىڭىزنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرۇشنى، خىزمەت ۋە جەمئىيەتتە ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى ئاشۇرۇشنى خالامسىز؟ ئۇنداقتا بىزنىڭ گوللاند تىلى كۇرسىمىزغا مەرھەمەت!
بىز سىزنىڭ سەۋىيەڭىزگە ئاساسەن ئىككى تۈرلۈك دەرسنى ئورۇنلاشتۇردۇق.
1. 🌱 باشلانغۇچ سەۋىيە (Niveau 0): تىلنى ئەمدىلا باشلىغانلار ئۈچۈن، ئەڭ ئاساسىي سۆزلىشىش ۋە ئالاقە قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىمىز.
2. 📈 دەسلەپكى سەۋىيە (A1/A2): تىل ئاساسى بارلارنىڭ گرامماتىكا ۋە سۆزلىشىش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، كۈندىلىك تۇرمۇشتا راۋان سۆزلىشىشكە ياردەم بېرىمىز.
نېمىشقا بىزنى تاللايسىز؟
• ✅ ساپ ئانا تىلدا چۈشىنىشلىك چۈشەندۈرۈش: ئۇيغۇر تىلىدىكى سېلىشتۇرما ياردىمىدە تېز ئۆگىنىش.
• ✅ ئەمەلىيەتچىل ئۇسۇل: پەقەت كىتاب ئەمەس، ھەر خىل ئۆگىنىش ۋاستىلىرىدىن پايدىلانغان ئۇسۇل
• ✅ قۇلايلىق شارائىت: ئوقۇغۇچىلارغا ماس كېلىدىغان دەرس ۋاقىتلىرى.
دەرس 2026-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى باشلىنىدۇ. روزا ھېيتقىچە ھەپتىدە بىر قىتىم ئۆتۈلىدۇ. دەرس ۋاقتى ئادەتتە كەچ تەرەپتە بولىدۇ، دەرس كۈنى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە قارار چىقىرىلىدۇ. رامىزان ئېيىدا دەرس ھەم داۋام قىلىدۇ ۋە كۈندۈزىگە ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.
ۋاتسئاپتىن ئۇچۇر قىلىش ئارقىلىق توپقا كىرىش ئۇلىنىشغا ئىرىشىڭ ۋە ئەتراپىڭىزدىكى ئېھتىياجى بار دوستلىرىڭىزغا، تونۇشلىرىڭىزغا خەۋەر قىلىپ قويۇڭ.
ھۆرمەت بىلەن: گوللاندىيە ئۇيغۇر فوندى
2026-1-25