سىز ھازىردىن باشلاپ پىراۋا نەزەرىيە ئىمتىھانىنى ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىدا تەرجىمان تەكلىپ قىلىپ بېرەلەيسىز!
ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
ئالدى بىلەن CBR نىڭ تور بېتىدىن digidi بىلەن تىزىملىتىپ كىرگەندىن كېيىن ، ئىمتىھان تۈرىنىڭ ئىچىدىن، تەرجىمان تەكلىپ قىلىپ بېرىمەن دېگەن تۈرنى تاللايسىز. بۇ خىلدىكى ئىمتىھاننىڭ ھەققى €111.50
ئۇنىڭدىن كېيىن سىز ئىمتىھان بېرىشنى خالىغان شەھەر، كۈن ۋە ۋاقىتنى تاللايسىز.
يۇقاردىكى قەدەم باسقۇچلار بويىچە ھەممىنى جەزملەشتۈرۈپ، ئىمتىھان ھەققىنى تۆلىگەندىن كېيىن، رەسمي ھالدا ئىمتىھانغا تىزىملاتقان بولىسىز.
ئەمدى ئىمتىھانىڭىز ئۈچۈن تەرجىمان تەكلىپ قىلىسىز. ھازىر cbr بىلەن بىرلىشىپ ئىشلەۋاتقان 4 تەرجىمانلىق شىركىتى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت AVB تەرجىمانلىق شىركىتىنىڭلا ئۇيغۇر تەرجىمان بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتى بار. رەسىمدە كۆرگەندەك سىز تىل ۋە ئىمتىھان تۈرىڭىزنى تاللىغاندىن كېيىن ، €226تەرجىمانلىق ھەققىنى تۆلەش ئارقىلىق ، ئىمتىھانىڭىز ئۈچۈن ئالدىن تەرجىمان تەكلىپ قىلغان بولسىز. تەرجىمانلىق شىركىتى سىزنىڭ تەلىپىىڭىزگە ئاساسەن، ماس كەلگەن تەرجىماننى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. دېمەك ئومومي ئىمتىھان ھەققى جەمئىي €337 بولىدۇ.
نەزەرىيە ئىمتىھانى توغرىسىدا كۆپ سورالغان سۇئاللارغا جاۋاب:
1.نەزەرىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپلا كەتسەم ئۆمۈر بويى كۈچكە ئىگىمۇ؟
-ئەپسۇس ياق. نەزەرىيە ئىمتىھانى سىز ئۆتكەن كۈندىن باشلاپ پەقەت 18 ئاي كۈچكە ئىگە بولۇپ، ئەگەر سىز مۇشۇ 18ئاي ئىچىدە، ئەمەلىيەت ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ بولالمىسىڭىز، ئۇ ھالدا نەزەرىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتكەنلىكىڭىز ئەمەلدىن قالىدۇ ۋە ئەمەلىيەت ئىمتىھانى بىرىشتىن بۇرۇن، نەزەرىيە ئىمتىھاننى قايتا بېرىشىڭىز كېرەك.
ئەگەر ئۇيغۇر تەرجىمان تەكلىپ قىلىپ بەرسەم، نەزەرىيەنى ئۆگەنمىسەممۇ ئۆتۈپ كېتەلەرمەنمۇ؟
ئەپسۇس ياق. پىراۋا نەزەرىيە ئىمتىھانى ئۆگىنىش دائىرىسى كەڭ بولغان، تەلىپى يۇقىرى بولغان بىر ئىمتىھان بولۇپ، ئەگەر نەزەرىيە بىلىملىرىنى يېتەرلىك ئۆگەنمىسىڭىز، مەيلى قايسى تىلدا بىرىڭ، يەنىلا ئۆتۈش نىسبىتىڭىز تۆۋەن بولۇپ قالىدۇ. تەرجىمان تەكلىپ قىلىنغان ئىمتىھان مەيدانىدا سىز ۋە تەرجىماندىن باشقا يەنە بىر ئىمتىھان ئالغۇچى خادىم بار بولۇپ، ئۇ خادىم پۈتۈن ئىمتىھان سۇئاللىرىنى ئوقۇپ بېرىدۇ ۋە تەرجىمان پەقەت ئاڭلىغىنىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىپ بېرىدۇ خالاس. شۇڭا ئىكراندىكى رەسىملەرگە قاراپ تۇرۇپ جاۋاب بېرىدىغان ئادەم يەنىلا ئۆزىڭىز.
ئىمتىھاننى گوللاند تىلىدا بەرسە ياخشىمۇ ياكى تەرجىمان تەكلىپ قىلىپ بەرسىمۇ؟
بۇ سىزنىڭ شەخسى ئەھۋالىڭىزغا باغلىق. مەيلى قايسى تىلدا بىرىڭ، ئۆگىنىشىڭىز ئىنتايىن مۇھىم. لېكىن تەرجىمان تەكلىپ قىلىنغان ئىمتىھان نورمال ئىمتىھاندىن 6 ھەسسە قىممەت. ئەگەر سىز خىزمەت ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جىددى پىراۋا ئىلىشقا ئىھتىياجىڭىز بولسا، ۋە ئەزەلدىنلا ماشىنا ھەيدىيەلەيدىغان بىرسى بولسىڭىز، بەلكىم تەرجىمان بىلەن بىرىش تىل ئۆگىنىپ بولغۇچە تىزراق ئۇسۇل بولىشى مۇمكىن. لېكىن ئۇنداق ئېھتىياج بولمىسا، بىر تەرەپتىن نەزەرىيە ئۆگەنگەچ بىر تەرەپتىن ئەمەلىيەت دەرسى ئالغاچ ھەم تىلىڭىزنى ياخشىلىغاچ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلسىڭىزمۇ ھەم ياخشى تاللاش بولۇشى مۇمكىن.
نەزىرىيە ئىمتاھانىدىن مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتۈشۈڭلار ئۈچۈن سىلەرگە فوندىمىز تەييارلىغان ھەقسىز ئۇيغۇرچە نەزىرىيە دەرسلىرىنى تەۋسىيە قىلىمىز:

https://www.youtube.com/watch?v=5ZyWtUeo6RE

ھۆرمەت بىلەن: گوللاندىيە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى