گوللاندىيە ئۇيغۇر مۇنبىرى – گوللاندىيە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى (قىسقارتىلىپ گوللاندىيە ئۇيغۇر فوندى دىيىلىدۇ) تەرىپىدىن قۇرۇلغان تور بەت بولۇپ، ئاساسلىقى گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئىھتىياجى، مەنپەئەتلىك بىلىم ۋە ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىشى ئۈچۈن قۇرۇلدى.

گوللاندىيە ئۇيغۇر فوندى 2020- يىلى 5- ئايدا، گوللاندىيەدىكى بىر گۇرۇپ ئاۋانگارت، پىداكار ياشلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان. قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۆت يىل مابەينىدە تەشكىلاتىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئازاپ- ئوقۇبەتلىرى ۋە ئۈمىد -ئىستەكلىرىنى گوللاندىيە ھۆكۈمىتى، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە خەۋەر قاناللىرىغا ئاڭلىتىشتا كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئاكتىپ رول ئويناپ كەلدى. تەشكىلاتىمىزدىكى قابىل ۋە دادىل پىداكارلا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ھۆججەتلەشتۈرۈش، ئاشكارىلاش ۋە تەشۋىق قىلىش، يەرلىكلەرگە ئاڭلىتىش، قانۇنىي يوللار، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش، كۆچمەنلەرنىڭ ئائىلە جەملەش، ئىجتىمائىي ياردەم توپلاش، ھەقسىز گوللاند تىلى دەرسلىرى، شوپۇرلۇق دەرسلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇتۇقلۇق خىزمەتلەردە بولدى.

يىقىنقى يىللاردىكى قىرغىنچىلىق ۋە ئەنسىزلىك سەۋەبىدىن، گوللاندىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ ئىشىشغا ئەگىشىپ، مۇساپىر خەلقىمىزنىڭ ئىھتىياجى تەخىرسىز تەقەززاغا دۇچ كەلمەكتە. تەشكىلاتىمىز بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش، گوللاندىيە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە گوللاندىيە ئۇيغۇر مۇنبىرىنى قۇرۇپ چىقتۇق. بۇ جەھەتتىن بىزگە پىدائىي ھالدا ئالاھىدە ياردەمدە بولغان پىروگراممىر ئادىلجان ئابلىمىتقا تولىمۇ مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز!

نىشانىمىز:

گوللاندىيەدىكى خەلقىمىزگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم قانۇن ۋە سىياسەتلەردىن ۋاقتىدا خەۋەر تاپقۇزۇش.

ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزغا پايدىلىق ئۇچۇلارنى خەلقىمىزگە سۇنۇش.

پاناھلىق، ئوقۇش، خىزمەت، تىجارەت ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە دائىر بىلىم، ئۇچۇر ۋە تەجىرىبىلەرنى ئورتاقلىشىش.

ئۇيغۇر تىل ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر ئەسەرلەرنى تارقىتىش.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا ئەھمىيەتلىك تور بەت ئادرىسلىرىنى تونۇشتۇرۇش.