1-دىكابىر، گوللاندىيە ئۇيغۇر فوندىنىڭ تەشكىللىشىدە 150 گە يىقىن ئۇيغۇر خەلقىمىز ئامسىتىردام شەھرىدىكى بىر مەھەللە ئۆيىدە يىغىلىپ پائالىيەت قىلدى. پائالىيەتتە فوندىمىز  بىر يىلدىن بىرى ئويلاشقان، ئۈچ ئايدىن بىرى پىلانلاپ، بىر ئايدىن بىرى ئەستايىدىل تەييارلىق كۆرۈپ تەييارلىغان «ئەلمىھرى پىلانى» ئوتتۇرىغا قويۇلدى.  بۇ پائالىيەتتە دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇر خەلقىمىز ئۈچۈن ساخاۋەت، مەدەت ۋە مۇكاپات تۈرلىرى بويىچە 3000 ياۋرو ئىئانە يىغىش پىلانلانغان بولسىمۇ، گوللاندىيەدىكى كۆيۈمچان ئۇيغۇر خەلقىمىزدىن يىغىلغان ئومۇمىي پۇل شۇ كۈننىڭ ئۆزىدىلا 7000 ياۋرودىن ئاشتى. 

تۆەندە سىلەرگە ئەلمىھرى پىلانىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرىمىز. 

ئەلمېھرى پىلانى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم: قېرىنداشلار، چاقىرىقىمىزنى تەكلىپىمىزنى ئىلىك ئېلىپ قىممەتلىك ۋاقتىڭلاردىن ۋاقىت چىقىرىپ ،دەم ئېلىش ۋاقتىڭلارنى قۇربان قىلىپ ، ئارلىقنى يىراق كۆرمەي كەلگىنىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە يەنە بىر قېتىم چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، تەشكىلاتىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمنىڭ ماڭا ئىشىنىپ بۇ پىلاننى تونۇشتۇرۇش ئىشنى ماڭا تاپشۇرغىنى ئۈچۈن سىلەرگىمۇ كۆپ رەھمەت، مەقسەتكە كەلسەك ، بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتنىڭ يەنە بىر مۇھىم پارچىسى ئەلمېھرى پىلانىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن.

ئەلمىھرى :

ئەلمېھرى پىلانى مۇھاجىرەتتە بولۇپمۇ ياۋرۇپادا ياشاۋاتقان قېرىنداشلارنى مەركەز قىلغان ھالدا ئايلىق ئەزالىق شەكلى بىلەن ئاز بولسىمۇ مۇقىم ھالدا ئىئانە توپلاپ تۈركىيە ۋە باشقا جايلاردىكى ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بار قېرىنداشلارغا ئىقتىسادى ياردەم قىلىش، ئۈلگىلىك ياشلارنى رىغبەتلەندۈرۈش، ۋەتەنپەرۋەر قېرىنداشلارغا مەدەت بېرىش ئۇلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى يالغۇز قالدۇرلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ،قىسقىسى ياتلارغا تايانمايمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە يېتىدىغانلىقىنى ئۇيغۇرنىڭ ياردەم سۆيەر ، مۇھتاجنى يالغۇز قالدۇرمايدىغان، ئۆزىنى ئۆزگىلەرگە بويۇن قىستۇرمايدىغان روھىنى مۇشۇ يەردىمۇ جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە پىلانلاندى.

خوش ئۇنداقتا نىمىشقا ئەلمېھرى؟

قىلىۋاتقىنىمىزنى ھېچكىم قىلىپ باقمىغان ، يىڭىلىق ، ياكى بۇندىن بۇرۇن شەخسى ياكى كىچىك گۇرۇپپا ھالىتىدە قىلىۋاتقان يىغىلىۋاتقان ياردەملەرنى ئىنكار قىلماقچى ئەمەسمىز، شەخسەن مەن ئۆزۈم جامائىتىمىز توپىدا يىغىلىغان ياردەملەرنىڭ شاھىدىمەن، ئەلمېھرى پىلانىنىڭ باشقا ئوخشاش تۈردىكىىسىدىن پەرىقلىق قىلغان تەرەپلىرى تۆۋەندىكىچە :

1- ياخشلىق زەنجىرى

بىز بۇ پىلاننى شاخلىتىپ ساتقۇچىلارنىڭ تاكتىكىسدىن پايدىللىنىپ قىلماقچى ،چۈنكى ئۇيغۇرلىرىمىز بېخىل ئەمەس، قولى ئوچۇق مەرت ، ئىشەنچىلىك بىرى بىرىلىرىنىڭ ياردەمگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئېيتسا ھەرگىز قاراپ تۇرمايدۇ، شۇڭا ، مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان ھەربىر قېرىندىشىمىز بىزنى بىلىدۇ، ئىىشنىدۇ دەپ ئولتۇرۇپ سىلەرگە دەۋاتىمىز، سىلەرمۇ سىلەرگە ئىشىنىدىغان قېرىنداشلىرىمىزغا دىسەڭلا ، چۈنكى ھەممىلا ئادەمىڭ بىزنى تونۇپ كىتىشى تونۇغان تەقدىردىمۇ ئىىشنەلىشى ناتايىن شۇڭا ،ھەربىرىمىز ئۆزىمىز تونۇيدىغان ۋە ئىشىنىدىغان كىشىلەرگە دىيىش ئارقىلىق بۇ ياخشىلىق زەنجىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتەلەيمىز دەپ ئ‍ويلايمىز.

2- ئىشەنچ مەسلىسى

بايا ئىشەنچ مەسلىسىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتۇق، مۇھاجىرەت ھاياتىدا ئىشىنىمەنكى ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ بىرلىرى ياردەمگە مۇھتاجكەن دەپ ياردەم قىلغان لېكىن ئۇ ئۆزى ياردەم قىلغان ياردەم ئويبىكتىنىڭ ئۇنچىۋالا ياردەمگە مۇھتاج بىرى ئەمەسلىكى ۋەياكى بۇنداق ياردەم ئېلىشنى ئاللىبۇرۇن كەسىپكە ئايلاندۇرۋالغان بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرگەن ۋەياكى ئىشەنچىلىك ئادەملەرنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن، بىز بۇ مەسلىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ياردەم تارقىتىۋاتقان شەخىس ياكى ئورگانلار بىلەن زىچ ئالاقە ئورنىتىپ ياردەم ئويبىكتىمىزنىڭ ھەقىقەتەن ياردەمگە ئەڭ مۇھتاج كىشىگە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرماقچى.

3- كۆپ خىل تاللاش،

ئەلمېھرى ياردەم بېرىش تۈرىنى كۆپ خىل قىلىپ ئوخشىمىغان ساھەدىكى ئ‍وخشىمىغان كىشىلەرنىڭ بىز خالىغان ئەمەس بەلىكى ئەلمېھرى ئوتتۇرىغا قويغان تۈرلەردىن تاللاپ ئۆزى خالىغان تۈرگە ياردەم بېرىشنى ئەمىلىيلەشتۈرمەكچى.

ھازىر بىز تەييارلىغان ياردەم بېرىش تۈرلىرىدىن :

⁃ ئىقتىسادى قېيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم

1.⁠ ⁠تىرىشىپ ئىشلەۋاتقان ئەمما يىتىشەلمەيۋاتقان – ئائىلىسى بار،بالىلىرى بار، ئەمما ئۆي چىقىملىرىنى كۆتۈرەلمەيۋاتقان. 2. قانۇنلۇق رەسمىيەت كەمچىللىكتىن داۋالىنىش ئىشلىرىغا پۇل يىتىشمەيۋاتقان.

3.⁠ ⁠ئائىلەلىك ئالىي مەكتەپ ئەلاچى ئوقۇغۇچىسى، قىيىنچىلىقى بار.

4.⁠ ⁠(ئىگە- چاقىسىز ياشانغانلار مۇزاكىرە ئۈستىدە)

⁃ نەمۇنىلىك ياش – ۋەتەنپەرۋەر، ئەلا ئوقۇغان، ئەخلاقلىق ياش. رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى شەكلىدە.

⁃ تاپاۋەتسىز مۇئەسسەلەر:

قانۇنلۇق تىزىملاتقان، كارتىغا ئۇرۇلىدىغان، ئەھمىيەتلىك خىزمەت قىلىۋاتقان ئورۇنلار ( مەسىلەن: ئانا تىل مەكتىپى، ئەۋلاد نەشرىياتى،تۆت قۇلاق ژورنىلى،فارابى تور دەرىسخانىسى).

⁃ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئاكتىپلىرى ( بۇنىڭ بىز ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاكتىپ تەشۋىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئاكتىپلىرىنىڭ ھېساباتلىرىنى دەلىللىتىپ بېرش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئاۋازىنى يەتكۈزىشىگە ۋەسىلە بولىمىز.

•⁠ ⁠ئەڭ ئاز ئالتە ئايدىن بىرى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ تونۇلىشىدا ئاكتىپ تەشۋىق قىلىۋاتقان شەخىس.

•⁠ ⁠ئەڭ ئاز ھەر بىر ئىجتىمائىي تاراتقۇدا 5000 دىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بار.

•⁠ ⁠ئاكونتىنى ئاكتىپلاشتۇرۇپ بەرگەندىن كىيىن، يەنە داۋاملىق ئالتە ئاي تەشۋىقاتنى ياخشى قىلىش كىرەك. ئەگەر داۋاملاشتۇرۇلمىسا، داۋاملاشتۇرمايمىز.

توي قىلماقچى بولغانلارغا ياردەمدە بولۇش: ئالتە ئايدىن كىيىن قايتا قاراپ چىقىلىدۇ.

⁃ قۇربان ھىيىتتا قۇربانلىق قىلالمايدىغانلارغا قۇربانلىق

– سەدىقە – زاكاتلارنى يېغىپ، تىگىشلىك كىشىلەرگە يەتكۈزۈش.

4-كىم قارار بېرىدۇ؟

بۈگۈنگىچە ئۇيغۇرچىلىقتا يىغىلغان ياردەم بېرىلىش ئويبىكتى داۋاملىق ياردەم يىغقۇچىنىڭ قارارى بىلەن بولىۋاتىدۇ ، ئەلمېھرىدە بولسا بىز كىمگە بېرىش ھوقوقىنى ئىئانە قىلغۇچىنىڭ ئ‍ۆزىنىڭ قارار بېرىشىگە قالدۇرىمىز، يىغىلغان ياردەم ئوخشاش ياردەم بېرىش تۈرىگە ياردەم بەرمەكچى بولغان كىشىلەرنى بىر ئارىغا جەملەپ ئۇلارنى ئاشۇ تۈردىكى بىر قانچە ياردەم بېرىش ئويبىكىتلىرى ئارىسىدىن ئىئانە قىلغۇچىلارنىڭ توردا ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى بىلەن قارار قىلىنىدۇ. شۇڭا ياردەم بەرمەكچى بولغاندا قايسى تۈرگە ياردەم بەرمەكچى بولغانلىقىڭلارنى مالال كۆرمەي يېزىپ قويۇشۇڭلارنى شۇنداقلا سىلىگە بېرىلگەن كىمگە بېرىشنى قارار قىلىش ھوقوقىڭلارنى ئىشلىتىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمىز، بولمىسا بىچچارە ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇر نامىدا نۇرغۇن نەرسسى بار لېكىن ئۆزىنىڭ ھوقوقىنى ئىشلەتمىگەچكە ئاخىرىدا ئۆزەمنىڭ دەيدۇيۇ لېكىن ئىگە بولالمايدىغان نەرسسىدىن بىرسى كۆپىيىدۇ خالاس.

5- ئوچۇق ئاشكارىلىق

بىز ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇر نامىدا قىلىنغان ھەرقانداق بىر ئىشتىن ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش ، ھېساپ سوراش ھوقوقىنىڭ بارلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىمىز ، شۇڭا مەيلى بۈگۈن سىز بۇ ئىشقا ئاۋاز قوشۇڭ ياكى قوشماڭ، ئۇيغۇرلار بولسىڭىز بۇ ئىشلارنى سوراش سۈرۈشتە قىلىش ھوقوقىڭىز بولىدۇ، ئەگەر مەن سورىمىسام سۈرىشتە قىلماي تۇرۋالسامچۇ ؟ دىسىڭىز بىز ئۇنىمۇ ئويلاشتۇق، بىز ھەر ئ‍ۈچ ئايدا بىر قېتىم قەرەللىك ھالدا يىغىلغان ياردەم سوممىسى ۋە ياردەمنىڭ تارقىتىلىش ئ‍ەھۋالىنى دوكىلات قىلىپ تۇرىمىز.

6-كىملەرگە؟

ئەلمېھرى مۇھاجىرەتتىكى ئايىغى چىقماس تالاش تارتىشلارغا كىرمەسلىك ئۈچۈن مەزكۇر يىغىلغان ياردەملەرنى ھېچقانداق تەشكىلاتقا بەرمەيدۇ، پەقەت ۋە پەقەت شەخىسلەرگىلا بېرىلىدۇ.

7- ماڭا نىمە پايدىسى؟

ئەلمېھرىگە ياردەم قىلسىڭىز ئايدا مانچىلىك كىرىم قىلالايسىز دىيەلمەيمىز، لېكىن ئەگەر سىز ئەلمېھرىگە ياردەم قىلسىڭىز ،سىز يىل ئاخىرىدا دۆلەتكە باج مەلۇم قىلغاندا ئىئانە قىلغان پۇللىرىڭىزنىڭ بىر قىسىمىنى قايتۇرۋالالايسىز، ئەمدى دىننى تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا :

وَفِي أَمْوَالِهِمْ حَقٌّ لِلسَّائِلِ

وَالْمَحْرُومِ

ئۇلارنىڭ پۇل ـ ماللىرىدا سائىللار ۋە (ئىپپەتلىكلىكىدىن سائىللىق قىلمايدىغان) موھتاجلار ھوقۇققا ئىگە ئىدى (يەنى ئۇلار سائىللارغا ۋە موھتاجلارغا سەدىقە قىلاتتى)[19]. (51:19)

لَنْ تَنَالُوا الْبِرَّ حَتَّى تُنْفِقُوا مِمَّا تُحِبُّونَ وَمَا تُنْفِقُوا مِنْ شَيْءٍ فَإِنَّ اللَّهَ بِهِ عَلِيمٌ

ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغۇچە ھەرگىز ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر، (ئاللاھنىڭ يولىدا) نېمىنى سەرپ قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[92]. (3:92)

بۇ ھەقتىكى ھەدسىلەر

مَنْ نَفَّسَ عَنْ مُؤْمِنٍ كُرْبَةً مِنْ كُرَبِ الدُّنْيَا نَفَّسَ اللَّهُ عَنْهُ كُرْبَةً مِنْ كُرَبِ يَوْمِ الْقِيَامَةِ وَمَنْ يَسَّرَ عَلَى مُعْسِرٍ يَسَّرَ اللَّهُ عَلَيْهِ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ وَمَنْ سَتَرَ مُسْلِمًا سَتَرَهُ اللَّهُ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ

كىمكى بىر مۆئىمنىڭ دۇنيا قىيىنچىلىقلىرىدىن بىرىنى قۇتۇلدۇرسا، ئاللاھمۇ ئۇ كىشىنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى قىيىنچىلىقلىرىدىن بىرىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ،كىمكى قىيىنچىلىقتا قالغان كىشىگە ياردەم قىلسا ئاللاھمۇ ئۇنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا ئاللاھمۇ ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ.

مَا نَقَصَتْ صَدَقَةٌ مِنْ مَالٍ

سەدىقە مالنى كېمەيتمەيدۇ.

كىشىلەرنىڭ ئەڭ خەيرىلىكى ئىنسانلارغا پايدىلىق بولغانلىرىدۇر.

6.ئەلمېھرىنى چوقۇم قوللىشىڭىز يەنە بىر سەۋەبى :

چۈنكى ئەلمېھرى پىدائىلىرى بۇرۇندىن تارتىىپ پىدائىلىق بىلەن ھەقسىز ئ‍شىلەپ كەلدى بۇندىن كىيىنمۇ ھەم ھەم چوقۇم ھەقسىز خىزمەت قىلىدۇ، يىغىلغان ياردەم ئەلمېھرىدىكى ھەرقانداق بىرىنىڭ يېقىن يورۇقلىرىغا بېرىلمەيدۇ، ئەلمېھرىدىن يىغىلغان پۇل پەقەت ۋە پەقەت ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغانلارغىلا بېرىلىدۇ، كۆڭۈلچەك ئۇيغۇرنىڭ يا قېرىنداشتىن يا دىنداشتىن تەلىيى كەلمىگەن شۇڭا بۇ ياردەمنىڭ ئۇيغۇردىن يىغىلىپ باشقا بىرلىرىگە بېرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇنى نىزامنامىمىزغىمۇ يازدۇق.

بۈگۈن بۇ پىلانغا نەقمەيداندا 6300ياۋرۇ ئەتراپىدا پۇل يىغىلىپتۇ، بۇنى بۇ يەرگىمۇ چىقىرىپ قويدۇم، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلا سىلەرمۇ كۆڭلۈڭلارنى بىلدۈرمەكچى، بۇ ياخشىلىققا قوشۇلماقچى بولساڭلا رەسىمدىكى QRكودى ئارقىلىق ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ.

ئەۋەتكەندە قايسى تۈرگە ئەۋەتكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ.

بانكا كارتا نۇمۇرى:

Dutch Uyghur human rights foundatio

NL73INGB0675243254

ئەلمىھىرى پىلانى تونۇشتۇرۇلۇشى