1-دىكابىر، گوللاندىيە ئۇيغۇر فوندىنىڭ تەشكىللىشىدە ئامىستىردام شەھرىدە 150 گە يىقىن ئۇيغۇر خەلقىمىز يىغىلىپ پائالىيەت قىلدى. تەلىيىمىزگە، گوللاندىيەنىڭ دائىملىق تۇتۇق ۋە يامغۇرلۇق ھاۋاسى بۆلەكچە يىقىملىق بولدى. باھارنى ئەسلىتىدىغان ئىللىق مەيىن شاماللار، يەلقەلئەدە خۇشال – خۇرام ئويناۋاتقان ئوماق بالىلار، يىراق- يىقىندىن كەلگەن ئەل – جامائەت قەۋىم قىرىنداشلار تۇنجى قىتىم ئامىستىردام شەھرىدە يىغىلىش قىلماقتا ئېدى.
پائالىيەتتە ئاۋال مۇرەتتەپ قارىم ئابدۇسالام مۇڭلۇق قىرائەت قىلىپ بەردى. ئاندىن شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشىمىزغا چوڭ- كىچىك پۈتكۈل جامائەت ئورنىدىن دەست تۇرۇپ، ئوڭ قولىنى يۈرەك ئۈستىگە قويۇپ ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئىستىقلال مارشىغا جۆر بولۇپ ئوقۇدى. بالىلارنىڭ كۆزلىرىدىن، ئۆسمۈرلەرنىڭ يۈزلىرىدىن شەرەپ ۋە ئىپتىخارلىق جۇلاسىنى كۆرۈپ كۆڭلىمىز تولىمۇ سۆيۈندى.
پائالىيەتنىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە، گوللاندىيە ئۇيغۇر فوندى رەئىسى ئەنۋەر مەمەت گوللاندىيە ئۇيغۇر فوندىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن نۆۋەتكە قەدەر گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ۋە باشقا دۆلەت سىياسىيونلىرى بىلەن بولۇپ ئۆتكەن سىياسىي سۆھبەتلەر، شىركەتلەر بىلەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك تېمىسىدا بولۇنغان لىكسىيەلەر، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە ژورنالىستلار بىلەن ھەمكارلىقلار، شۇنداقلا گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن قىلىپ كىلىنىۋاتقان خىزمەتلەر قىسقا ۋە جانلىق شەكىلدە تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلدى. بۇنىڭ قاتارىدا ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسى جەريانىدا ئىسىم توغرىلاش ۋە گوللاندىيە ئۇيغۇر فوندى ئۇيغۇرچە تور بىتىنىڭ ئىلان قىلىنغانلىقى ئالاھىدە دىققەت تارتتى.
ئاندىن فوندىمىز ئەزاسى ئابدۇراھمان فوندىمىز بىر يىلدىن بىرى پىلان قىلىپ كەلگەن ئەلمىھرى پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەپسىلىي چۈشەندۈردى. گوللاندىيەدىكى ئەزىز خەلقىمىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر خەلقىمىزگە مىھىر- شەپقەت، مەدەت ۋە ئىلھام بىرىشنى مەقسەت قىلغان مەزكۇر پىلان ئۈچۈن نىشان قىلىنغان 3000 ياۋرودىن بىر ھەسسە ئاشۇرۇپ 7000 مىڭ ياۋرودىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلىندى. گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر خەلقى ھەقىقەتەن ئىپتىخارلىق، مەنپەئەتلىك ئىشقا قەدەم باستىكى، ئېسىل ئىنسانلىرىمىزنىڭ ياردىمى ئالاھىدە تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز! ئەلمىھرى پىلانىغا يىغىلغان ئىئانەنىڭ ھىسابلىرى مۇشۇ تور بىتىمىزدا قەرەرلىك ھالدا ئىلان قىلىنىپ تۇرىدۇ. ئەلمىھىرى پىلانى بىلەن تونۇشۇپ چىقماقچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئۇلىنىشقا دىققەت قىلغايسىز.
https://www.duhrf.org/en/post/674d83922beb222ef8c63cb9
ئاڭغىچە، مىززىلىك پولو ئۈستىگە لاگىر شاھىدى ئۆمەربەگ ئالى ئاكىمىز ھازىرلىغان قىيزالار بېسىپ، ئالىمجان تۇردى ئۆز قولى بىلەن ئېشىپ تەييارلىغان سىرىق ئاشلار، خانىم – قىزلار تەييارلىغان ئاچچىق- چۈچۈكلەر ۋە تاتلىق پىرەنىكلەر داستىخان ئۈستىگە تېزىلدى. بالىلارغا تەييارلانغان تەملىك قوماچ، پاتاتلار، شاكىلاتلار تالاشتا قالدى. لاگىر شاھىدى ئۆمەربەگ ئالى بۇ پائالىيەتنىڭ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغىنىدىن كۆپ ھاياجانلىنىپ، بىر كۇپلىت تەسىرلىك شېئر ئوقۇپ بەردى:
خەلقىم
كۆرۈپ دوستلار سۆيۈندى قەلبىم،
ئېتتىپاق ئىكەن ھەرجايدا خەلقىم.
بىرگە بولساق دائىما شۇنداق،
بۇزالمايدۇ ئارىمىز ھەركىم.
بىزلەر كەلگەن شۇ ئانا يۇرتنى،
كۆرمەككە زار ھەرزامان خەلقىم.
سىز ۋە بىزگە سۆيۈملۈك ۋەتەن،
ئامەت قۇچار بىر كۈنى خەلقىم
تاماقتىن كىيىن، فوندىمىز مائارىپ بۆلۈمىدىن مىھرىنسا مۇئەللىم گوللاند تىلى ئوقۇشنىڭ مۇھىملىقى، ئۆزى پىداكارلىق بىلەن ئىككى يىلدىن بىرى داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقان ھەقسىز گوللاند تىلى كۇرسىغا قاتنىشىش، شۇنداقلا قابىلىيەتلىك كىشىلەرنىڭ پىداكار ئوقۇتقۇچى بولۇپ ياردەمدە بولۇشىنى ئىلتىماس قىلدى.
ئۇندىن كىيىن بىر سائەت مۇددەتتە فوندىمىز سىياسىي مەسلھەتچىسى ئەخمەتجان قاسىم گوللاندىيە قانۇنلىرى، سىياسىي ۋەزىيىتى ۋە يىڭى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا چۈشكەن سۇئاللارغا بىر سائەتكە قەدەر جاۋابلارنى بەردى.
پائالىيەتتە يەنە گوللاندىيەگە يىڭى كەلگەن ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەردىن نۇركابىل ئۇستىسى ئەزىمەتجان، يەرمەنكە، ساياھەت ۋە ئۇيغۇر تائاملىرى ساھەسىدە ئىگىلىك تىكلىگەن ئابدۇشۈكۈر ۋە مەۋلانجان، ياپونىيە شىركىتىنىڭ گوللاندىيەدىكى باش تىجارىي مۇدىرى ئايۇپجان، بول ۋە ئامازوندا شىركەت ئىچىپ، تور سودىسى قىلىۋاتقان سەيفۇللاھ تونۇشتۇرۇلۇپ سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇلارنىڭ تىرىشچان، جاسارەتلىك روھىدىن ئىلھام ئىلىپ، ھەممىمىز ئاۋال ئۆزىمىزنى شۇ ئارقىلىق مىللەتنى كۈچلەندۈرۈشكە چاقىرىق قىلىندى.
گوللاندىيە ئۇيغۇر فوندىمىز مىھمانلارنىڭ رازىمەن، پائالىيەتنىڭ كۆڭۈللۈك، ئەھمىيەتلىك ۋە ئۇتۇقلۇق ئاياغلاشقىنىدىن كۆپ خۇرسەنمىز! ئايىغىدا تەكلىپىمىزگە تەزىم ئىتىپ كەلگەن بارلىق قىرىنداشلارغا يەنە بىر قىتىم رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز!
ھۆرمەت بىلەن: گوللاندىيە ئۇيغۇر فوندى
2024-12-2